باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.09 14:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرىسىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا 16 ئەزا سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئەزا ۋاڭ چياڭجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەرلىكتە ئىكولوگىيەنى بۇزىدىغان، قانۇنىيەتكە زىت ئىشلار كەينى كەينىدىن يۈز بەرمەكتە. يۇقىرى قاتلامدىكى بىر تۇتاش پىلانلاشنىڭ كەمچىللىكى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. تارماقلارنىڭ نەزەر دائىرىسى، مەنپەئەتىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئەڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش ۋە ئىلمىي ئورگانلارنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈشىگە بىرلىكتە يىتەكچىلىك قىلىشى لازىم.

  ئەزا سەيلىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدىكى 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى. ئاددىي ساددا بولۇش شامىلى پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالماقتا. خەلق ئاممىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش يېڭى كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شامالنىڭ ئۆتكۈنچى شامال بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنىڭ ئۆتكۈنچى شامال بولۇپ قالماسلىقىدىن قانداق قىلىپ ساقلىنىش كېرەك؟ سەي لىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدا ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار ئىزچىل ئۈلگە بولۇشى كېرەك. 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىنى ھەقىقىي يىلتىز تارتقۇزۇشتا، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولغان نازارەتچىلىك قىلىشقا تايىنىش كېرەك.

  ئەزا جۇ شىنشىڭ دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ «ئاممىنى ئامال بار يالۋۇرغۇزماسلىق ياكى ئاز يالۋۇرغۇزۇش» دېگەن تېمىدا سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يالۋۇرغۇزۇش كەيپىياتىنى كۈچ سەرپ قىلىپ ئوڭشاپ، ئاممىنى ئامال بار يالۋۇرغۇزۋاسلىق ياكى ئاز يالۋۇرغۇزۇشقا تىرىشىش لازىم. خەلق تۇرمۇشىغا بولغان سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا جىددىي كېرەكلىك بولغان سۈپەتلىك بايلىقلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش كېرەك. بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ياخشىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە تايىنىپ، ياخشى ئاممىۋىي مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ روھىي بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى ھەم راھەت ھەم خۇشال خۇرام ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر