باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2013.03.09 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنى 7-مارت ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋەن گاڭ «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى»گە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  2012-يىلى ئىلىمىزدە تەتقىق قىلىش، ئېچىشقا سەرپ قىلىنغان مەبلەغ 1 تىرىليون 24 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %1.97 نى ئىگىلىدى. ۋەن گاڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ زور پەن تېخنىكا تۈرلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان يېڭىدىن ئاشقان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى جەمئىي 1 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلتۇر ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش فوندىغا 4 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، كاپىتال بازىرى، بانكا، پۇل مۇئامىلە جەھەتتە 100 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قوللاشقا ئېرىشتۇق.

  ۋەن گاڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، 2012-يىلى ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا كەسپىي تېز تەرەققىي قىلدى. بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە 105 يۇقىرى يېڭى پەن تېخنىكا رايونىنىڭ كىرىمى 16 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، سانائەت قوشۇلما قىممىتى مەملىكەت بويىچە سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %13.6نى ئىگىلىدى.

  ۋەن گاڭ ھاۋانىڭ بولغىنىشىنى ئوڭشاشقا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ھاۋانىڭ بولغىنىشىنى ئوڭشاشتىكى بىر مۇھىم تەرەپ. بۇ ئاپتوموبىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، توكلۇق ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھاۋانىڭ بولغىنىشىنى ئوڭشاشتا، ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىز خەلقئارالىق پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تېخنىكىسىنىڭ بىزنىڭ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئوڭشاش خىزمىتىمىزدە ئىشلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ۋەن گاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋىي قاتناش توكلۇق ئاپتوموبىلى كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچى ۋە ئايلىنىش قېلىپى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر ئېلىمىز ئاساسلىقى ئاممىۋىي قاتناش ساھەسى ئارقىلىق توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش مەسىلىسى ھازىر ئېلىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپى دۇچ كەلگەن ئەڭ قىيىن مەسىلە. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىشىدا، توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى، خېرىدارلارنىڭ ئىشلىتىش مۇھىتى، مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى، كەسپىي تەرەققىيات سىياسىتىنىڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}