باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۇنىس يېڭى باش مىنىستىرى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئىسىملىكىنى سۇندى

2013.03.09 14:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: تۇنىسنىڭ يېڭى باش مىنستىرى ئەلى راھايىد 8-مارت چۈشتىن كېيىن جۇمھۇرىيەت پىرېزىدېنتى مەرزۇقىغا يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئىسىملىكى ھەم كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئىجتىمائىي ھەرىكەت پىروگراممىسىنى سۇندى.

  تۇنىسنىڭ «كىچىك ئاساسىي قانۇن» دەپ ئاتالغان «ۋاقىتلىق ھاكىمىيەتنىڭ ئىچكى تەشكىلات قانۇنى»غا ئاساسەن، پىرېزىدېنت مەرزۇقى 24 سائەت ئىچىدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئىسىملىكىنى پارلامېنتنىڭ ئىشىنىش ئاۋازى بېرىشىگە سۇنىدۇ. پارلامېنت ئىسىملىكنى تاپشۇرۇۋالغان ئۈچ كۈن ئىچىدە، يېڭى ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى خادىملارغا ئىشىنىش ئاۋازى بېرىدۇ. 217 پارلامېنت ئەزاسى ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشتا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى قوللاشقا ئېرىشسىلا، يېڭى ھۆكۈمەت رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ ھەم ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدۇ.

  تۇنىس يېڭى ھۆكۈمىتى 29 مىنىستىر ۋە ئون دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىدىن تەشكىللەنگەن، سان جەھەتتىن قارىغاندا، 30 مىنىستىرى ۋە 11 دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بار ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتتىن كۆپ پەرقلەنمىدى. لېكىن يېڭى ھۆكۈمەتتە، بىۋاسىتە باش مىنىستىرغا مەسئۇل بولىدىغان ئۈچ مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ۋەكىل كۆپەيتىلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ياخشىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشلىرىغا ئايرىم-ئايرىم مەسئۇل قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە