باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە چاۋشيەننى ئاگاھلاندۇردى(1)

2013.03.09 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە ئارمىيەسى بىرلەشمە ئىشتابى ئۇرۇش قىسمىنىڭ باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال مايورى كىم لوڭيۈن چاۋشيەننىڭ «چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى»نى پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىغىنىغا قارىتا، 6-مارت «چاۋشيەننى ئاگاھلاندۇرۇش باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: چاۋشيەن ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىك قىلسا، كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننىڭ قوماندانلىق كۈچلىرىگە كەسكىن تەدبىر قوللىنىدۇ. چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ قەرەللىك ھەربىي مانېۋىرى - ئىككى دۆلەت كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈدىغان ھەربىي مانېۋىر، بۇندىن بۇرۇن چاۋشيەنگە ئۇقتۇرۇش قىلغان.

  كىم لوڭيۈن مۇنداق دېدى: بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، چاۋشيەن جاھىللىق بىلەن ئېغۋاگەرچىلىك قىلىپ كورىيە خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالماقچى بولسا، كورىيە ئارمىيەسى ئېغۋاگەرچىلىك قىلغانلار، ئېغۋاگەرچىلىكنى قوللىغۇچى كۈچلەر، شۇنداقلا قوماندانلىق قىلغۇچى كۈچلەرنى قاتتىق جازالايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن كورىيە ئارمىيەسى بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ بولدى.

  كورىيە تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: كورىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ھوشيارلىق ھالىتىنى بىر دەرىجە ئۆستۈردى. بىرلەشمە ئىشتابنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاشكارىلاپ، چاۋشيەن بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كورىيە ئارمىيەسى ھوشيارلىق ۋە تاقابىل تۇرۇش ھالىتىنى كۈچەيتتى. كورىيە-ئامېرىكا بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، چاۋشيەن ئارمىيەسىنڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق كۆزەتتى، ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قىسىملارنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى كۈچەيتتى، ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ ھەر دەرىجىلىك قىسىملىرىنىڭ قورال سىستېمىسىنى ھەر ۋاقىت بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىگە كىرگۈزدى. ئۇ يەنە تونۇشتۇرۇپ، ئاساسلىق قوماندان بىر سائەت ئىچىدە ھەر ۋاقىت قىسىمغا قايتالايدۇ، تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە قىسىم دەرھال ئۇرۇش قىلىش تەييارلىق ھالىتىگە ھەر ۋاقىت كىرەلەيدۇ، دېدى.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە