باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە چاۋشيەننى ئاگاھلاندۇردى(2)

2013.03.09 14:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ «ھالقىلىق ھۆكۈم» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى 10-مارتتىن 21-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. «قۇرغۇي» ناملىق مانېۋىر بولسا 1-مارتتىن 30-مارتقىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى 5-مارت مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ چاۋشيەنگە دۈشمەنلىشىش سىياسىتى ۋە چاۋشيەننى جازالاش سۇيقەستىگە قارىتا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى 3 تۈرلۈك «زور تەدبىر» قوللىنىدۇ، بۇ ئەگەر كورىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مانېۋىرى 10-مارت ئۆتكۈزۈلسە، 11-مارتتىن باشلاپ، 1953-يىلى ئىمزالانغان «چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى»نىڭ پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلاش، شۇنداقلا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى پانمۇنجۇم ۋەكىللەر بۆلۈمىنىڭ پائالىيتىنى توختىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كورىيە ئارمىيەسىدىكى ئەربابلار پەرەز قىلىپ: نۆۋەتتە چاۋشيەن ئارمىيەسى يېقىندا قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەلىرى كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە مانېۋىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، مانېۋىرنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكىدىن چوڭ بولىدۇ، دېدى.

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پيوڭياڭ كوچىلىرىدا، چاۋشيەننىڭ ھەربىي نىقاب تورى ئارقىلىق ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى يوشۇرۇشى، چاۋشيەننىڭ 1993-يىلى 3-ئايدا «يادرو قورالىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى»دىن چېكىنىشنى جاكارلاشتىن بۇرۇن «ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ھالىتى»گە كىرگەنلىك ئۇسۇلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، 6-مارت، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى قارىغا ئېلىش مەشىقىنى تاراتقۇلارغا ئېچىۋەتتى.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە