باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر دىكى 20 يۇمشاق دېتال كارخانىسىنىڭ كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2013.03.09 14:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ما يىنىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، 2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇمشاق دېتال تىجارىتى كىرىمى 100 مىليوندىن ئاشقان كارخانا 20گە يېقىنلىشىپ، 2010 – يىلى ۋە 2011 – يىلىدىكىدىن زور كۆلەمدە ئاشقان.

  2012 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلەمدىن ئاشقان 110 يۇمشاق دېتال كارخانىسىنىڭ يۇمشاق دېتال كەسپى ئومۇمىي كىرىمى 4 مىليارد 110 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%40 ئاشقان. بۇلتۇر 14 يۇمشاق دېتال كارخانىسى يېڭىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇمشاق دېتال كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي سانى 88گە يەتكەن؛ شىنجاڭ خۇڭليەن ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى، قاراماي خۇڭيۇ يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى نۇقتىلىق يۇمشاق دېتال كارخانىسىغا ئايلانغان. يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ئۇدا ياخشى بولۇپ، كۆلەملەشكەن 110 يۇمشاق دېتال كارخانىسىدىكى كەسىپكار 9173 كىشىگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.1 ئاشقان.

  بۇ يىل كۆلەملەشكەن يۇمشاق دېتال كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كىرىمىنى 8 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە