باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2013.03.09 14:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن 8-مارت خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمى ھەققىدە سۆز قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئاياللارغا بولغان زوراۋانلىق، زىيان يەتكۈزۈشكە غەزەپلىنىشنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئاياللارغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى توسۇش بىرلەشمە ھەرىكىتىگە تۆھپە قوشۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  بان كىمون مۇنداق دېدى: كىشىلەر بۇلتۇرقى كىشىنى چۆچۈتكەن ئاياللارغا، قىزلارغا زوراۋانلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىنى ئەسلىشى ھەم قانداق قىلغاندا تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەكنى كۈتۈۋالغانلىقى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ئويلىشى كېرەك. ئىستاتىستىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئائىلە ۋە مەھەللىلەردە ئاياللارنىڭ نۇرغۇنى زوراۋانلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، نۆۋەتتە يەر شارىدا بىر مىلياردچە ئايال زوراۋانلىق تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن.

  ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاياللار زوراۋانلىقىنى تۈگىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە