- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ب د ت مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئاياللار زوراۋانلىقىنى تۈگىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى
2013.03.09 14:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىرىنا بوكوۋا 8-مارت تەبرىك سۆزى قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، باراۋەرلىككە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى كۆپەيتىپ، بارلىق شەكىلدىكى ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش قىلمىشىنى تۈگىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
بوكوۋا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بارلىق شەكىلدىكى ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگەتمەكتە. قانۇن ۋاستىسىغا تايىنىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. بىز تەربىيىلەش ئارقىلىق، يېڭى ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرىشىمىز كېرەك. بىز ئاياللارنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردە رەھبەرگە ئايلىنىشىنى قوللىشىمىز كېرەك، بىز تۈرلۈك شەكىلدىكى زوراۋانلىق قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە