باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇش ئورتاق خىتابنامىسىنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى جاكارلىدى

2013.03.09 14:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: «چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئارىسىدىكى ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ھەققىدىكى بارلىق كېلىشىملەر بىكار قىلىنىدۇ، «چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئورتاق خىتابنامىسى» پۈتۈنلەي ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىنىدۇ ھەمدە چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ پانمۇنجومدىكى ئالاقە گۇرۇپپىسىنى تاقىلىدۇ».

  باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «كورىيە بىلەن ئامېرىكا ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر چاۋشيەنگە قارىتىلغان ئوچۇق ئاشكارا تاجاۋۇزچىلىق، بۇ چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئومۇميۈزلۈك ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىق. بۇنداق شەرت ئاستىدا، قارشى تەرەپكە ھەربىي قورال ئىشلەتمەسلىك، ھەربىي ئىشلار توقۇنۇشىدىن ساقلىنىش، ماجىرالارنى تىنچ ھەل قىلىش ھەمدە ئېھتىيات سىزىقىغا ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق قاتارلىق چاۋشيەن بىلەن كورىيەنىڭ ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق كېلىشىمى نامدا بار ئەمەلدە يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە