باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋېن جياباۋ: خىزمەتلەرنى ئوبدان ئىشلىيەلمىگەن بولسام، چۈشەنگەيسىلەر

2013.03.09 14:45         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 6-مارت تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 6-مارت سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كوللېكتىپ يىغىنىغا قاتنىشىپ، ۋەكىللەرنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى قاراپ چىقىشتىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىللەر بەس-بەستە پىكىر قىلدى، ۋېن جياباۋ ئارىلاپ-ئارىلاپ ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: مەن 10 يىل گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولۇپ، ۋەزىپەم بىلەن خوشلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىم. بۈگۈن مەن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغىلى كەلدىم، بۇنى كۆپچىلىك بىلەن خوشلىشىش دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ 10 يىل دۆلىتىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى تولىمۇ قالتىس 10 يىل بولدى. مەن خەلقنىڭ ماڭا دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پۇرسەتنى بەرگەنلىكىگە، ماڭا ئىشەنچ، غەيرەت، جاسارەت ئاتا قىلغانلىقىغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن دەسلەپتە ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ئۆزۈمگە شۇنداق بىر نىشان بەلگىلىۋالغانمەن، ئۇ بولسىمۇ بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەمئىيەتنى يەنىمۇ ئالغا ئىلگىرىلىتىشتىن ئىبارەت. خەلقنىڭ ئۈمىدى ـــ بىزنىڭ تىرىشىش نىشانىمىز، خەلقنىڭ ئارزۇسى ـــ بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. بىزنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەلق ئۈچۈن. خەلق رازى بولۇش-بولماسلىقى، خەلقنىڭ خۇشال بولۇش-بولماسلىقى، خەلقنىڭ قوللاش-قوللىماسلىقى بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئۆلچىمىنى سىنايدۇ. بۇ يىللاردىن بېرى، ئەگەر خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلالىدىم دېسەم، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىنىڭ، مېنى چۈشەنگەنلىكىنىڭ ۋە قوللىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى، بارلىق تۆھپە خەلققە مەنسۇپ، خەلق ـــ ئۇ تارىخنىڭ ئىجادكارى. ئەگەر بەزى خىزمەتلەرنى تازا دېگەندەك ئوبدان ئىشلەپ كېتەلمىگەن بولسام، ئۇ مېنىڭ ئىقتىدارىمنىڭ چەكلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن دېسەم بولىدۇ، خەلقنىڭ مېنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ‹‹بالدۇر چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كېتىپتۇ››، دېگەن گەپ بار، مەن كېيىنكىلەرنىڭ مەندىنمۇ ياخشى ئىشلەپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن پېنسىيەگە چىقىدىغان ۋاقتىمدا، خەلققە چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمەن ۋە مىنەتدارلىقىمىنى بىلدۈرىمەن. مەن دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}