ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى 280 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ
2013.03.09 14:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-مارت بېيجىڭ خەۋىرىدۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى زىخەي 8-مارت جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئېلىمىز شەھەر يېزا داۋالىنىش ۋە ئاممىۋىي ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. شەھەر بازار ئاھالىسى داۋالاش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتا ھۆكۈمەتتىن بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى بۇلتۇرقى ئادەم بېشىغا يىلىغا 240 يۈەندىن، 280 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە