باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن: «سوقماقنى مەنمۇ يەپ باققان»

2013.03.09 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. خەلق سارىيىنىڭ شىنجاڭ زالىدىن شىمالىي ئىشىككىچە پەقەت 100 مېتىرچە كېلىدۇ، نورمال سۈرئەت بىلەن ماڭغاندا بىرەر مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما 7-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتىلگەن كۈنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكۇمنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەننى بىر توپ مۇخبىرلار ئورىۋالدى، جاڭ چۈنشيەن بىر مېڭىپ، بىر توختاپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ، بۇ يولنى توپتوغرا 10 مىنۇت ماڭدى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 18 مىنۇت ئۆتكەندە، رىياسەتچىنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى پائالىيەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىشى بىلەنلا 100 گە يېقىن مۇخبىر ئەمدىلا ئورنىدىن تۇرغان جاڭ چۈنشىيەنى ئورىۋالدى.

  خىزمەتچى خادىمنىڭ تەرتىپ ساقلاپ مېڭىشى بىلەن، ئادەملەر توپى ئاستا-ئاستا ئىشىككە قاراپ سىلجىدى، جاڭ شۇجى مۇخبىرلارنىڭ «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى» توغرىسىدىكى سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ:« بۇ بىر تارىخىي مەسىلە، بۇنى تەدرىجىي كونترول قىلىپ، قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھازىر گەرچە بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال كەسكىن بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا مۇقىم » دېدى.

  بىر مۇخبىر يېقىندا توردا قىزىق مۇنازىرە قىلىنغان «سوقماق» مەسىلىسىنى سورىدى. بايىقى مۇزاكىرىدە مۇخبىرلار بۇ سۇئالنى سورىغاندا، جاڭ شۇجى ئۆزى جاۋاب بەرمىگەچكە، مۇخبىرلار تازا قانائەت ھاسىل قىلمىغاندەك قىلاتتى.

  جاڭ چۈنشىيەن قەدىمىنى توختىتىپ، جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى :« سوقماقنى يەپ باققان، تور مۇنازىرىسىدىن كېيىن مەن تېخىمۇ قىزىقىپ قېلىپ، مەخسۇس تەكشۈرۈپ باقتىم، سوقماققا ھەشەم كېتىدىكەن، مۇئەييەن قىممىتى بار ئىكەن، بىر ھارۋا سوقماقنى ھەقىقەتەن ئىككى مىڭ يۈەندىن جىقراق پۇلغا ساتقىلى بولىدۇ، ئەمما بىر پارچىسىغا بىر ئۆي سېتىۋالغىلى بولىدۇ دېيىش راست گەپ ئەمەس.»

  جاڭ شۇجى بىر مېڭىپ، بىر توختاپ يەنە مۇخبىرلارنىڭ شياڭگاڭدىن سودىگەر چاقىرىش، ئەرزان باھالىق تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي ئىشىكىدىن چىقىشقا ئاز قالغاندا، بىر شىنجاڭلىق ئۇيغۇر مۇخبىر جاڭ شۇجىدىن «سىز ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشنى ئويلىشىپ باققانمۇ» دەپ سورىدى، جاڭ شۇجى كۈلۈپ تۇرۇپ، «ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىش تەسرەككەن، سىز ماڭا ئۆگىتىپ قويالارسىزمۇ؟» دېدى، ھەمدە ئۆزى بۇرۇن ئۆگەنگەن «قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دېگەن بىر جۈملە سۆزنى ئېيتتى.

  سائەت 11دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، جاڭ شۇجى ئاخىرى خەلق سارىيىدىن چىقتى. پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقاندا، يەنىلا مۇخبىرلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى تەسىراتىنى سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى :« شىنجاڭدا ئۆگەنگەنلىرىم كۆپ بولدى، بېسىممۇ ئاز ئەمەس، بۇ ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئەرزىيدىغان، ئەڭ ئالدىراش مۇھىم جاي » .

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}