باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

بېيجىڭدا بۇ يىلقى ئەڭ كۈچلۈك قۇم-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ

2013.03.09 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى بۈگۈن سائەت 18دە قۇم-توزانلىق بوران ۋە سوغۇق نەم ئېقىمدىن مۇداپىيەلىنىش كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. كەلگۈسى 24 سائەت ئىچىدە، سوغۇق ئېقىمنىڭ تەسىرى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، گەنسۇنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي قىسمى، شەنشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، نىڭشيا، سەنشى، خېبىينىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى، بېيجىڭ ، تيەنجىن قاتارلىق جايلاردا قۇم-بورانلىق ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمىدىكى قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران كۆتۈرۈلىدۇ. غەربىي شىمالنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمى، شۇنداقلا شىمالىي رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃6 تىن 10℃قىچە تۆۋەنلەيدۇ.

  مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى سۈن جۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بېيجىڭدا 9-چېسلا سۈبھىدىن ئەتىگەنگىچە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ سائەت 11 ئەتراپىدا بوران چىقىپ ۋە بارغانسېرى كۈچىيىپ 6 بالغا يېقىنلايدىكەن؛9-چېسلا كېچىدە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئاستا-ئاستا يۆتكىلىپ، شامال پەسىيىدىكەن ۋە ھاۋارايى ياخشىلىنىدىكەن. (مۇخبىر ليۇ يى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە