باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: رۇسىيە بىلەن گرۇزىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىلگىرلەش بولدى

2013.03.05 15:20        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 2-مارت: رۇسىيە بىلەن گرۇزىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدە يېقىندىن بۇيان ئىجابىي ئىلگىرلەش بولدى، بۇ ئىككى تەرەپنىڭ كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ دېدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى كاراسىن بىلەن گرۇزىيەنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ رۇسىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى ئاباشىدزې 1-مارت چېخنىڭ پايتەختى پراگادا كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ۋىزا تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئولىمپىك كومىتېتلىرى قاتلىمىدا 2014-يىللىق رۇسىيە سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئالاقىدار ئىشلارنى كېڭىشىشكە قوشۇلدى. باياناتتا: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئابغازىيە ۋە جەنۇبىي ئوستى مەسىلىسىگە چېتىلمىدى دېيىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە