باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى: چاۋىس مۇھىم قارارلارنى چىقىرىۋاتىدۇ

2013.03.05 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:ۋېنېسۇئېلانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مادۇلو 2-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە پىرېزىدېنت چاۋىس ھازىر سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە موھتاج بولسىمۇ لېكىن ئۇ ۋېنېسۇئېلانىڭ بىر قىسىم ھالقىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادى مەسىللىرىدە قارار چىقارماقتا.

  مادۇلو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋىس ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى تەستىقلاۋاتىدۇ ھەمدە مۇھىم ۋە زور ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرماقتا، مادۇلو سىرتتىكىلەرگە چاۋىس ئىمزالىغان بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى كۆرسەتتى، بۇ ھۆججەتلەر ۋېنېسۇئېلانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق چاۋىسنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەچكە خىزمەت قىلالماس بولۇپ قالدى دەيدىغان ئۆسەك سۆزلەرگە رەددىيە بەردى.

  مادۇلو ئۆكتىچى پارتىيە ۋە قىسمەن خەلقئارا تاراتقۇلاردىن ئېغىۋالارنى تارقىتىشنى، ھازىرقى قىيىن شارائىتتىن پايدىلىنىپ ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىش مەقسىتىنى توختىتىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە