باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كونگونىڭ شەرقىي قىسمىدا يولوچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

2013.03.05 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كونگو ئافرىقا قىتئەسى ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ 30 يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرى ئولتۇرغان فوك 50 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 4-مارت كونگونىڭ شەرقىدىكى كوما ئايرودرومىدا چۈشۈپ كەتكەن.

  كونگو ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كوما شەھرىدە تۇرۇشلۇق خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ئايروپىلان شۇ كۈنى كونگونىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ شەرقىدىكى كاسساي ئۆلكىسى لوجا شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى جىۋۇ ئۆلكىسىنىڭ كوما شەھىرىگە قاراپ ئۇچقان، ئايروپىلان كوما شەھىرىگە يىقىنلىشىپ، قونۇش ئالدىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، نۆۋەتتە قازا قىلغان بەش كىشىنىڭ جەسىتى بايقالغان.

  نەچچە ئون يىللىق ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى كونگو قاتناش ئەسلىھەلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، يوللار ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، كىشىلەر تەكرا ـ تەكرار رىمونت قىلىنغان ئايروپىلان ياكى كېمىلەرگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. (چىڭ جيەنچاۋ فوتوسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە