- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مىسىر نارازىلىق ئەرزى سوتى 13- ئاپرېل سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنى قايتا سوراق قىلىدۇ
2013.03.04 15:08 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مىسىر نارازىلىق ئەرزى سوتى 13-ئاپرېل مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنى قايتىدىن سوراق قىلىدىكەن ، مۇبارەك ۋە ئۇ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى قاتارلىقلار نامايىشىچىلارغا ئوق چىقىرىشقا بۇيرۇق قىلغان دەپ ئەيىبلەنگەن .
نۆۋەتتە ، مۇبارەك ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بولۇپ ، مىسىر ئەڭ ئالىي سوتى 13-يانۋار مۇبارەك ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئادىلنىڭ جازانى كېمەيتىش توغرىسىدىكى ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ ، مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ھەمدە ئادىل ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنى قايتا سوراق قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، نارازىلىق ئەرزى سوتىنىڭ باش سوتچىسى SamirAbuel Maati مۇبارەك ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ھەمدە ئادېلى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسىنىڭ 13-ئاپرېل قايتا سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلىگەن .
2011–يىلى 2–ئايدا، مۇبارەكنىڭ مىسىرغا قىلغان 30 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە