باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىدىكى مۇھىم نۇقتىلارغا نەزەر

2013.03.04 09:31         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قانداق مۇھىم قارالمىلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى؟ قانداق مۇھىم نۇقتىلار بار؟

  بىرىنچى نۇقتا: يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئاپپاراتلىرى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ.

  دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر مۇھىم قارالمىسى. بۇ 18-قۇرۇلتايدا مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا يېڭىلار بىلەن كونىلار ئوڭۇشلۇق ئالماشقاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى يەنە بىر چوڭ ئىش.

  ئىككىنچى نۇقتا: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز گوۋۇيۈەن قارمىقىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە فۇنكىسىيەسىنى 12 قېتىم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەڭشىدى، ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىقى 2008-يىلى بولۇپ، بىرىنچى نۆۋەت ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تۈزۈمى زور تەڭشىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار تەشكىللەندى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ تەركىبىدىكى تارماقلار 27 گە قىسقارتىلدى.

  ئىلگىرىكى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىلىدىغان گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى ھەققىدىكى ھۆججەتنىڭ نامىدا فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش دېگەن سۆز كۆپەيتىلدى.

  ئۈچىنچى نۇقتا: ئالتە دوكلاتتا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىندى.

  خەلق ساداسى يىغىنغا يەتكۈزۈلدى، كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كىرىمنى ئاشۇرۇش، ئۆي باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، ھاۋا ۋە سۇنىڭ بۇلغۇنىشىنى تىزگىنلەش، مائارىپ داۋالىنىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرگە بۇ قېتىمقى يىغىندا جاۋاب بېرىلىشىدىن ئۈمىد بار.

  تۆتىنچى نۇقتا: ۋەكىللەر سانىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئومۇمىي سانى 2987 بولۇپ، ئالدىنقى قېتىمقى بىلەن ئوخشاش. ئەمما بۇ ساننىڭ كەينىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى، بۇ قېتىم تۇنجى بولۇپ شەھەر ۋە يېزا نوپۇسىدىن ئوخشاش نىسبەتتە ۋەكىل سايلاندى، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋەكىللىرى سانى يېڭىباشتىن تەقسىم قىلىندى، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىدىن ھەر 670 مىڭ نوپۇس ئىچىدىن بىر ۋەكىل سايلاپ چىقىلدى.

  ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سانى كۆپەيدى، يېڭى ۋەكىللەرنىڭ قاتنىشىشى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە يېڭى ھاياتى كۈچ قوشتى، خەلق يېڭى ۋەكىللەرنى كۈتمەكتە، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى سەمىمىي ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

  بەشىنچى نۇقتا: يېڭى يىغىن ئىستىلى.

  مەركەز ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا بۇ قانداق گەۋدىلىنىدۇ؟

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى جەمئىيەتكە يىغىن ئىستىلىنى ياخشىلاش ھەققىدە مۇنداق 15 تۈرلۈك ۋەدە بەردى: ئىلگىركىگە ئوخشاش يىغىن مەزگىلىدە بىر قاتار مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنلىرى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مىكروبىلوگ دەۋرىدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى تاراتقۇلارغا قانداق يۈزلىنىدۇ؟ تورداشلارنىڭ پىكرىنى قانداق قوبۇل قىلىدۇ؟ مانا بۇلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مىسلىسىز ئاشكارا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}