باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسى كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

2013.03.03 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا ئاخبارات باياناتچىسى لۈ شىنخۇا جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى، لۈ شىنخۇا: سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3 دە خەلق سارىيىدا ئېچىلىدۇ، 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ دەپ جاكارلىدى.

  نۆۋەتتە يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تۈگىدى، تۈنۈگۈن چۈش سائەت 12 گىچە 2237 نەپەر ئەزانىڭ 2153 ئى يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇردى، يىغىن كاتىبات باشقارمىسى 840 پارچە تەكلىپ ۋە يىغىن سۆزى ئارگىنالىدىن 338 پارچىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.

  لۈ شىنخۇا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دېموكراتىك كېڭىشىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسىلىسى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ باش فۇنكىسيەسى سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، بۇ ئاساسلىقى ئومۇمىي يىغىن، دائىمىي كومىتېت يىغىنى، رەئىسلەر يىغىنى قاتارلىق كېڭىشىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش، ساھەلەر بويىچە كېڭىشىش، كەسىپلەر بويىچە كېڭىشىش، تەكلىپنى بېجىرىش بويىچە كېڭىشىشدىن ئىبارەت 4 كېڭىشىش سەھنىسى بار.

  سىياسىي كېڭەش دېموكراتىك كېڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېڭىشىش سەھنىسىدە يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇۋاپپەقىيەتلىك ئىزلەندى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، بۇ قېتىمقى يىغىن مەزگىلىدە يەنە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سوتسيالىستىك دېموكراتىك كېڭىشىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان مۇخبىرلار يىغىنى ئاچىدۇ، مۇخبىرلارنىڭ كېلىپ زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  لۈ شىنخۇا جۇڭگو ياپونىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئارالنى سېتىۋېلىش ئويۇنى ياپونىيەدىكى ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ ئىغۋارگەرچىلىكى، دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ مۇقىم زېمىنى، ياپونىيەنىڭ جۇڭگو زېمىنىنى ھەرقانداق شەكىلدە سېتىۋېلىش ھوقۇقى يوق، مەيلى ياپونىيە قانداق شەكىلدە ئارالنى سېتىۋالسۇن، بۇنىڭ ھەممىسى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى تەرز يەتكۈزگەنلىك.

  لۈ شىنخۇا مۇنداق دېدى: ئەگەر ياپونىيە دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە خاتا قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، قوغدىنىش ئەترىتى پاراخوتى ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ نورمال چارىلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىگە ئارىلىشىپ، سۈركىلىش پەيدا قىلىدىغان بولسا، ياپونىيە بۇنىڭدىكى بارلىق ئاقىۋەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  لۈ شىنخۇا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ، ياپونىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى، بولۇپمۇ ياپونىيە رەھبەرلىرى مەسئۇلىيەتسىز سۆزلەرنى قىلماسلىقى، جۇڭگو بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەقىقىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. لۈ شىنخۇا مۇخبىرنىڭ: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىپى يولغا قويغان يېڭى سىياسەت، يېڭى ئىستىل، يېڭى ئىدىيەنى قانداق چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قانداق قاراش ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلەر ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇش يېڭى ئىستىلى پارتىيەنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە ئاشكارە قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسى ھەم ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

  لۈ شىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىستىلنى ئۆزگەرتىش بىرىنچى قەدەم، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش بىلەن پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشنى بىرلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ مائارىپ، داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئامما ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئەڭ مۇھىم.

  لۈ شىنخۇا مۇخبىرنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى ھەققىدە سورىغان سۇئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو سانائەتلىشىش، شەھەر بازارلىشىش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ھەددىدىن زىيادە كۆپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، بەزى كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى تۆۋەن، لۈ شىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تارماقلىرى يەنە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشى ، سېلىنما ۋە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، ئامما كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشى، كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، تاراتقۇلار نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى لازىم.

  لۈ شىنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە باشقا بارلىق ئومۇمىي يىغىنلار جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا ئېچىۋېتىلدى، گۇرۇپپىلار بويىچە مۇزاكىرە ۋە ساھەلەر بويىچە بىرلەشمە مۇزاكىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىش ئەھۋالى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تور بېكىتى قاتارلىقلار ئارقىلىق مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ، قىسمەن تەكلىپلەرمۇ توردا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنداقلا يىغىن مەزگىلىدە ئىككى قېتىم تەكلىپ بېجىرىش بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئېچىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر