باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2987 ۋەكىلىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى كۈچكە ئىگە بولدى

2013.03.03 14:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ۋەكىل بولۇپ سايلاندى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – فېۋرال تېلېگراممىسى. 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 27 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللىنىپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2987 ۋەكىلىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. يىغىندىن كېيىن ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، ۋەكىللەر ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقى ۋۇ باڭگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، دائىمىي كومىتېتنىڭ 163 ئەزاسى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭخەي، شەندۇڭ، جېجياڭ، خۇ بېي، ئىچكى موڭغۇل، بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى سايلام ئورۇنلىرىدا ۋەكىل بولۇپ سايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}