باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى مۇسۇلمان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىغا نەزەر

2013.03.03 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ھىلالىدىن چېن گۇاڭيۈەن دوستلۇق مېھمانخانىسىدا ياتاققا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ياتىقىغا قويۇپ قويغان «بېيجىڭ رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ 3-ئايلىق ناماز ۋاقتى جەدۋىلى»دىكى ۋاقىت بويىچە ناماز ئوقۇدى.

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنى 3-مارت ئېچىلىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، چېن گۇاڭيۈەن قاتارلىق مۇسۇلمان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر كۈنى يىغىندىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بەش ۋاق نامىزىنى تولۇق ئوقۇيدۇ. نامازدىن بۇرۇن پاكىز يۇيۇنۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ناماز كىيىمى كىيىدۇ، ئاندىن جاينامازنى سېلىپ، قىبلىگە يۈزلىنىپ، تەئدىل-ئەركان بىلەن نامازغا تۇرىدۇ ھەم قۇرئان ئوقۇيدۇ.مېھمانخانىنىڭ مۇسۇلمانچە ئاشخانىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى بويىچە نان، كاۋاپ قاتارلىق مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر تەييارلاندى.

  بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسى ئاممىۋى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى شياۋچىڭ مۇنداق دېدى: ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، بۇ يەردە يىغىن ئاچىدىغان، تۇرىدىغان ئاز سانلىق مىللەت، دىنىي ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ نۇرغۇنى شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، شىنجاڭ، چىڭخەي قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن، شۇڭا، ئاشخانىمىزدا غەربىي رايوننىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى. مۇسۇلمانچە ئاشخانىمىز يەنە مۇسۇلمان كۈتكۈچىلەرنى سەپلىدى. بۇندىن باشقا، مېھمانخانىمىزدا يەنە گۆشسىز غىزالىق ئاشخانا ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر