باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(6)

2013.03.05 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشيەن ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ئەزالار ئارقا-ئارقىدىن تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى.
  ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، ئەزالار ئارقا-ئارقىدىن تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى ۋە تەكلىپنى بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ چىشيەن تەسىرات ۋە پىكىرلەرنى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.

  ئەزالار سۆز قىلغاندىن كېيىن، ۋاڭ چىشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىنى قوغداشقا قارىتىپ، مەركەزنىڭ «8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۈرۈمنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. جازالاش بىلەن چىرىكلىكتىن ساقلىنىشنى تەڭ تۇتۇپ، ھەر ئىككىسىدە قاتتىق بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى قوشۇنى قورۇپ چىقىشىمىز لازىم. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قورۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن پارتىيە بىرلىكتە تۇتۇپ، ھەم ئۇزۇن مۇددەت جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ھەم تارمار قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاش ھالىتىنى ساقلاپ، چوڭ-كىچىك چىرىك ئۇنسۇرلارنى تەڭ يوقىتىشىمىز كېرەك. چىرىكلىكنى جازالاشنىڭ ئاچقۇچى ھوقۇقنى تۈزۈمنىڭ قەپىزىگە سولاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە.

  ۋاڭ چىشيەن ئىشچى دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى ۋە 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ داۋاملىق ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە