باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

‹‹ئىككى يىغىن››دىكى كىشىلەر دىققەت قىلىۋاتقان 10 چوڭ قىزىق تېما (1)

2013.03.04 17:01        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان تۇنجى يىل، 12-بەش يىللىق پىلاننى يولغا قويۇشتا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، بۇ تارىخىي نۇقتىدا جۇڭگو يېڭى ھۆكۈمىتىدىن دۆلەت ئىچىدىكىلەر زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈش بىلەن بىرگە يەنە خەلقئارا جەمئىيەتمۇ يۈكسەك دىققەت قىلماقتا.

  دۇنيا تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ پۇرسىتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىمۇ دۇنيانىڭ پۇرسىتى، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى ئىشقا ئاشۇرۇش چاقىرىقى چىقىرىلدى. تەرەققىيات يېڭى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى نەدە؟ چوڭقۇر قاتلاملىق قىيىن مەسىلىلەر قانداق ھەل بولىدۇ؟ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى دۇنياغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟

  بىرىنچى قىزىق نۇقتا : رەھبەرلەرنىڭ ئالمىشىشى ، يېڭى ئىدىيە ، يېڭى ئىستىل ، يېڭى ئۈمىد بۇ قېتىمقى يىغىندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى رەھبەرلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ . 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان ، جۇڭگونىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ئىستىل تۈزىتىش ، ئاممىغا يېقىنلىشىش يېڭى شامىلى چىقتى . ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى » دە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى : جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ «كەسكىن تەنقىدنى قوبۇل قىلىش » ھەققىدە قىلغان سۆزى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلغۇچىلارغا ئىلھام بولدى .

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئېتىقادى ۋە سىياسىي ئىشلارنى يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبى جۇڭگونىڭ سىياسىسى ، ئىقتىسادى ، جەمئىيىتى ۋە دىپلوماتىيەسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟ يېڭى رەھبەرلەر مۇھىم ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىشنى قانداق ئىلگىرى سۈرىدۇ ؟ پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رېئال مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدۇ ؟ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەر بۇنىڭغا كۆز تىكىپ تۇرماقتا .

  ئىككىنچى قىزىق نۇقتا : ئاپپارات ئىسلاھاتى ـــ يېڭى تەدبىرلەرنىڭ چىقىرىلىشىدا، فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش ئاچقۇچ

  بۇ يىللىق ‹‹ئىككى يىغىن ››دا « گوۋۇيۈەننىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ۋە فۇنكىسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى» گە قاراپ چىقىلىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ ، بۇ ھۆكۈمەت فۇنكىسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساشتىكى بىر مۇھىم تەدبىر، ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى چوڭ .

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالتە قېتىم بىر قەدەر زور كۆلەملىك ئورگان ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ، بۇ قېتىم 2008-يىلدىكى زور قىسىم تۈزۈم ئىسلاھاتى ئاساسىدا مەمۇرىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنىڭ پائال، مۇقىم ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىشىدىن ئۈمىد بار.

  سوتسيالىستىك بازار ئىگىلىكىدە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى قىسقارتىش ، مەمۇرىي تەستىقلارنى ئازايتىش ، تارماق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى . بېيجىڭدىكى چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن ياش جاڭ ياڭ بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ مۇنداق دېدى : دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئىستاتىستىكا قىلىشىچە ، كانادادا بىر شىركەت قۇرۇش ئۈچۈن بىر تەرتىپكە بەش كۈن ، شياڭگاڭدا ئۈچ تەرتىپكە ئالتە كۈن ، ئامېرىكىدا ئالتە تەرتىپكە ئالتە كۈن كېتىدىكەن ، جۇڭگودا 14 تەرتىپ ئۈچۈن 38 كۈن كېتىدۇ .
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە