باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(5)

2013.03.05 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
  ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئۇلۇغ «جۇڭگو ئارزۇسى» نى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدە بەس-بەستە سۆز قىلدى، مۇزاكىرە ئىنتايىن قىزغىن بولدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش سېكرېتار شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەققىدىكى «جۇڭگو ئارزۇسى» دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. «جۇڭگو ئارزۇسى» نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش. باشتىن-ئاخىر ئۆز يولىمىزدا مېڭىپ، تەۋرەنمەسلىكىمىز، ئۆزىمىزنى قويىۋەتمەسكىلىمىز، ئېتىشماسلىقىمىز، ھەم بېكىنمە قاتمال يولدا ماڭماسلىقىمىز، ھەم بايراقتىن چەتنىگەن يامان يولدا ماڭماسلىقىمىز، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم داغدام يولىدا «جۇڭگو ئارزۇسى» ئۇلۇغ نىشانىغا قاراپ قەتئىي تەۋرەنمەي، ھەققانىيەت يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك. ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، بىر ياخشى پىلان بويىچە، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئىشلىشىمىز، بىر قانچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىشى، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىشى، بوشاشماي كۆرەش قىلىشى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. «جۇڭگو ئارزۇسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ، ھەر بىرىمىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز، «جۇڭگو ئارزۇسى» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار، «جۇڭگو ئارزۇسى»نى يېزىپ قالدۇرغۇچىلاردىن بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە