باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>سىياسىي كېڭەش خەۋەرلىرى

مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(7)

2013.03.05 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى، سودا-سانائەتلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
  دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتى، سودا-سانائەتلەر بىرلەشمىسى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا ئاكتىپ سۆز قىلىپ ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يىغىننىڭ كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان بولۇپمۇ يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، ئىلىمىزنىڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى ۋە ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشنىڭ ئاساسلىق يولىغا، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى جانلىق قوشۇنغا ئايلاندى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بۇندىن كېيىنكى بەش يىل ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەي قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى توسالغۇنى تۈگىتىپ، ئەلئارىسىدىكى كاپىتالنى ئېنېرگىيە، تۆمۈر يول، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە سېلىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلىش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە