- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەركەز رەھبەرلىرى سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى(3)
2013.03.05 09:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر جاڭ دېجياڭ جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.
|
جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتى ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئەزالار ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ تەكلىپ پىكىر بەردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر جاڭ دېجياڭ ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ تەيۋەن خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم سىياسەت ۋە فاڭجېنىدا داۋاملىق قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر جۇڭگو بولۇش پىرىنسىپىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىغە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، «92-يىلدىكى ئورتاق تونۇش»نىڭ ئورتاق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز؛ ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ ئالاقىسىنى قۇيۇقلاشتۇرۇشىمىز لازىم. جاڭ دېجياڭ يەنە: جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، تەيۋەن دېموكراتتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىش، تېخىمۇ كۆپ ياخشى ئىش قىلىپ، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رول ئوينىشى ئۈمىد قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە