باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بولىۋىيە زۇڭتۇڭى چاۋىس زەھەرلەنگەنلىكتىن قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلدى

2013.03.10 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى 5-مارت، ۋېنسىئۇلا زۇڭتۇڭى چاۋىسنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالىس لابباستا نوتۇق ئېلان قىلىپ ، ئۆزىنىڭ يېقىن بىر دوستىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ۋېنسىئۇلا خەلقى ۋە پۈتۈن لاتىن ئامېرىكا خەلقىنىڭ چوقۇم چاۋىسنىڭ بىر ئۆمۈر ئەركىنلىك ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. (سۈرەتنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان.)

  خەلق تورىنىڭ 9-مارت كاراكاستىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-مارت، بولىۋىيە زۇڭتۇڭى مورالىس تاراتقۇلارغا ۋېنسىئۇلا زۇڭتۇڭى چاۋىسنىڭ زەھەرلەنگەنلىكتىن قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىدى، ئۇنىڭ كەينىدىكى قارا قول بەلكىم (ئامېرىكا) جاھانگىرلىكى بولۇشى مۇمكىن.

  مورالىس چاۋىسنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ بولۇپ، بولىۋىيە پايتەختى لابباسقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ خەۋەرنى ئاشكارىلىغان. مورالىس مۇنداق دېدى، ئۇنى جاھانگىرلار (بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى ئامېرىكا) زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. چاۋىس 2011-يىلى 6–ئايدا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن كۇبادا 4 قېتىم ئوپىراتىسىيە قىلدۇرغان، بىراق يەنىلا ھاياتىنى ساقلاپ قالالماي بۇ يىل 5-مارت كاراكاستا قازا قىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە