باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن تاشقى ئىشلار باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ «جازالاش قارارى»نى رەت قىلدى

2013.03.10 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورىنىڭ 9-مارت بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 9-مارتتىكى مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ باياناتچىسى 9-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يەنىلا ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى يەكلەش سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك رەددىيە بېرىدىغانلىقىنى، بۇ سىياسەتنىڭ ــ ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەنگە قارشى تۇرغانلىقىغا قارىتا «جازالاش قاراى»ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  باياناتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بىر تەگسىلا پارتلايدىغان جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا. چاۋشيەن ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانىنى ئىپادىلەپ بولدى: ئەگەر ئامېرىكا يەنىلا جاھىللارچە توقۇنۇشنى تاللايدىغان بولسا، چاۋشيەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچ ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن چاۋشيەن خەلقى بىرلىكتە جەڭگە ئاتلىنىدۇ. چاۋشيەن ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، ئۆز ئۇسۇلى بىلەن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىپ چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. دۇنيا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقارغان چاۋشيەنگە قارشى تۇرۇپ «جازالاش قاراى»نى ئاستىرىتىن يولغا قويىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، چاۋشيەننىڭ يادرو دۆلىتىلىك ئورنى ۋە سۈنئىي ھەمراھ دۆلىتلىك ئورنى قانداقمۇ مەڭگۈلۈك بولمىسۇن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە