باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاندا ئىككى قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

2013.03.10 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پايتەختى كابۇل ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى خۇرست ئۆلكىسىدە 9-مارت پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئاز دېگەندە 21 ئادەم قازا قىلدى، 15 كىشى يارىلاندى.

  ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئافغانىستانلىق بىر ئەمەلدار مۇنداق دېدى: ئافغانىستانغا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگىل ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئىشخانا رايونىدا ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتقانىدى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: خاگىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئارقىدىن بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى. نۆۋەتتە ئافغانىستان تالىبانلىرى بۇ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەمما باياناتچى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى خاگىلنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ ئىشخانىسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتۇق، دېدى.

  ئىككى قېتىملىق پارتلاش ۋەقەسى خاگىل ئافغانىستانغا زىيارەتكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەردى. خاگىل 8-مارت كەچتە كابۇلغا يېتىپ كېلىپ زىيارىتىنى باشلىغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ مەقسىتى- ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە