باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.11 16:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ۋاڭ چىشەن جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇايچى فوتوسى)
  ۋاڭ چىشەن جياڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات-تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە مەنبەسى. بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى نېگىزلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەڭشەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىشلارنى جايىدا، تەرتىپلىك، چىرايلىق بېجىرىش كېرەك. مۇلازىمەت ھەقىقىي ئەمەلىيلەشكەندىلا، ئاندىن باشقۇرۇش ئەمەلىيلەشكەن بولىدۇ. مۇلازىمەتنى باشقۇرۇشتا، مۇلازىمەت جەريانىدا باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا ھەقىقىي بۇرۇلۇش ياساپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ۋاڭ چىشەن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە