باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.11 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جاڭ گاۋلى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگنېلتىقى مۇخبىرى ليۇ جيەنشېڭ فوتوسى)
  جاڭ گاۋلى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمى چارىسى ۋە ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى يېڭىلاپ، ئازادە، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، سىرتقا چىقىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېچىۋېتىشچان ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. جاڭ گاۋلى گۇاڭشىنىڭ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتا يېڭى بۆسۈش يارىتىپ، خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. ليۇ يەندۇڭ خېبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە