باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

ئەزالار: شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلەيلى

2013.03.10 10:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بىرىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئەزا بۈۋەجەر ئابلا ئالىي مەكتەپ مائارىپى بىلەن كۆپ يىل شۇغۇللانغان، بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا، ئۇ «ئاز سانلىق مىللەتلەر شۇنىڭدەك چەت، يىراق رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىش» توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا مائارىپ مىنىستىرلىقىگە بىۋاستە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ئىنتايىن ئاز، كۆپىنچىسى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، شۇڭا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش نىسبەتەن ئاز بولىۋاتىدۇ، يەرلىكنىڭ مالىيىسىگە تايىنىپ ئالىي مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بەك زور. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇل مۇئەسەسسە قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئىچكى ئۆلكىلەردىن زور دەرىجىدە ئارقىدا تۇرىدۇ، ئالىي مائارىپ بايلىقىنىڭ تەقسىملىنىشى ئادىل ئەمەس. بىز يېڭى تىپتىكى كەسپلەرنى گۈللەندۈرمەكچى ئىكەنمىز، چوقۇم ئالىي مائارىپ ئىقتىساد ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك، مۇشۇ خىلدىكى ئىقتىساسلىقلار ئارقىلىق ھازىرقى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، پەرقنى كىچىكلىتىشىمىز كېرەك، بۇ نۇقتىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئوبدان يولغا قويۇپ، ئۇنى كەسپ، ئىلىم، تەتقىقات بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ جەھەتتە سالىدىغان مەبلىغى چەكلىك، شۇڭا دۆلەتنىڭ بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بىرىلگەن دوكلاتتا مائارىپنى ئاۋال تەرەققى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەز مالىيىسى مەملىكەتنىڭ مالىيە خارەكتىرلىك مائارىپ راسخوت چىقىمى بويىچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممتىنىڭ %4نى ئىگىلەيدىغان خامچوتنى تۈزۈپ چىقتى، يەرلىك مالىيىمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، مۇشۇ نىشاننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شىنجاڭ مۇشۇ بىر قانچە يىلدا ئاساسىي مائارىپ، ئالىي كەسپى مائارىپقا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتتى، ئەمما ئالىي مائارىپقا ئانچە كۆپ مەبلەغ سالالمىدى، شىنجاڭنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرى يىتىشتۈرۈپ چىققان بىر تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىقتىساسلىقلار بولۇشى كېرەك، شىنجاڭنىڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئەلۋەتتە بىز ئىقتىساسلىقلارنى سىرتتىن كىرگۈزۈشنى چەتكە قاقمايمىز، بىز ئىقتىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈشتە مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا مەبلەغ سېلىش سالمىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}