- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئاسىيادىكى دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياپونىيەنى ئەپۇ قىلمايدۇ؟(3)
2013.03.12 08:27
2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تارىخ مەسىلىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان بۇنداق ئىپادىسىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گېرمانىيەنىڭ فاشىستىك دۆلەت ماشىنىسى پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، سىياسىي تۈزۈلمىسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى، يېڭى ھاكىمىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئاساسەن ئىلگىرى ناتسىستلارنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى تۇرغان ياكى ناتسىستلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر بولدى. ھالبۇكى، ياپونىيەدە، ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشى ۋە قانات ئاستىغا ئېلىشى بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتىنى ئېنىقلاش بىلەن كارى بولمىدى، ياپونىيە پادىشاھىنىڭ جىنايىتى سۈرۈشتۈرۈلمەستىن، بەلكى ياپونىيە پادىشاھلىق تۈزۈمى ساقلاپ قېلىندى، ئەجدادتىن ئەۋلادقا مىراس قالغان بىر يۈرۈش ئىدىيە ۋە سىستېما دىققەتنىڭ سىرتىدا قالدى، ئەينى چاغدىكى سىياسەتۋازلار بىلەن ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پەردازلىنىپ، قايتىدىن باش كۆتۈردى، ھەتتا باش ۋەزىر ۋە دىپلوماتىيە ۋەزىرى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.
ھازىرقى باش ۋەزىر ئابى شېنزۇنىڭ ئانا تەرەپ بوۋىسى كېشى ئەينى يىللىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن توكيودىكى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن سېپى ئۆزىدىن ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ئىدى. كېشىنىڭ ئەۋلادلىرى بوۋىسىنىڭ نومۇسسىز تارىخىنى ئىنكار قىلىشتا ھەقىقەتەن ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدى. يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، گېرمانىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ مىللىي تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشىمايدۇ. گېرمانلار مول پەلسەپە ئىدىيەسىگە ئىگە بولۇپ، تەپەككۇر ۋە ئويلىنىشقا ماھىر، سەمىمىي خاراكتېرگە ئىگە. ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشقان سەمىمىيەتلىك پەزىلىتى گېرمانلارنى سەگەكلىك ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە