2013-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 14-تۈركۈملۈك قوغدىغۇچى پاراخۇت ئەترىتى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن «تىنچلىق -13» كۆپ دۆلەت دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئاخىرلاشتۇردى.
3-ئاينىڭ 7-كۈنى كۆپ دۆلەت ھەربىي پاراخۇتلىرىدىن تەشكىللەنگەن پاراخۇت ئەترىتى «تىنچلىق-13» كۆپ دۆلەت دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى. شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، «تىنچلىق-13» ناملىق كۆپ دۆلەت دېڭىز ئۈستى بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ بارلىق تۈرلىرى تولۇق تاماملاندى. بۇ مانېۋىر 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە پاكىستاننىڭ كاراچى دېگەن جايى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزدا ئۆتكۈزۈلگەن، ئالاھىدە ئەترەتنىڭ پورت-قىرغاق مانېۋىرى ۋە دېڭىز ئۈستى پاراخۇت-ئايروپىلانلىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى دېگەن ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. مانېۋىرغا جۇڭگو، پاكىستان، ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق 14 دۆلەتتىن 24 پاراخۇت، 25 ئايروپىلان ۋە ئالاھىدە ئەترەتلەر قاتناشتۇرۇلغان. )شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى راۋ راۋ فوتوسى(