باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مالىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلاردىن تەربىيەلەش ھەققى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش پىكرىنى ئېلان قىلدى

2013.03.04 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاسپىرانتلىق مائارىپى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرىنى ئېلان قىلىپ، مالىيەدىن پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇكاپاتلاش-ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە ساغلاملاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ چوڭ تەدبىر ئارقىلىق سېلىنمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسپىرانت تەربىيەلەش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئاسپىرانتلاردىن تەربىيەلەش ھەققى ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش. 2014-يىل كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، «يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى تۈزۈم، كونا ئوقۇغۇچىلارغا كونا تۈزۈم قوللىنىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىچىدە قوبۇل قىلىنىپ يېڭىدىن ئوقۇش باشلىغان ئاسپىرانتلاردىن ئوقۇش پۇلى ئېلىنىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە