باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>ۋەكىللەر ساداسى

مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ئۇزارتىلمايدۇ

2013.03.06 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر يىللىق ئىككى يىغىندا بەزى ۋەكىللەر ياكى ئەزالار مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپنى يەسلى مائارىپى باسقۇچىغىچە سۈرۈش تەكلىپنى بەرسە، يەنە بەزىلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىمۇ ھەقسىز ئوقۇتۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.

بۇ يىل، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇاڭدۇڭ جۇڭشەن خاتىرىسى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى خې يوۋلىن ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنى مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.

تۈنۈگۈن يۈەن گۈيرېن بۇ مەسىلىگە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەجبۇرىيەت مائارىپنىڭ توققۇز يىللىق ۋاقتىنى ئۇزارتىش پىلانىمىز يوق».

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككى يىغىن مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق تەكلىپ بەردى، بەزىلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۇزارتىشنى دېسە، بەزىلىرى يەسلى مائارىپىغىچە ئۇزارتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى مەسىلىسى بولىدۇ، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ جايلارغا تارقاتقان يۆتكەلگەن جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ھۆججىتىنىڭ ماۋزۇسى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرى شۇ جايدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگەتكەنكەندىن كېيىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى پىكىر دېگەندىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن دۆلەتنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىمۇ مەجبۇرىي مائارىپقا كىرگۈزۈشنى ئويلاشمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}