باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپقا باغلانغان رىشتە

2013.03.05 14:36        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۇنىياز بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاش تەكلىپىنى ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن 3 – مارت چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرى شۈنيى رايونى ياڭجېن 1 – ئوتتۇرا مەكتىپىگە باردى. بۇ، ئۇنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى 6 – قېتىم يوقلىشى ئىدى.

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مۇنىرە ئىمىن مۇنداق دېدى: ئىچكىرىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇمغا يەتتىم، لېكىن، ماڭا ئوخشاش ئارزۇيى بار نۇرغۇن ساۋاقدىشىم ئىچكىرىگە كېلەلمىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزسەم، پېداگوگىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن. ئاندىن، تۇرپانغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ، يۇرتىمىزدىكى بالىلارنى ئەڭ ياخشى تەلىم – تەربىيەدىن بەھرىمەن قىلىمەن››،دېدى.

  ئابدۇرېقىپ تۇنىياز شىنجاڭلىق بالىلارنى تىرىشىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ: ئىچكىرىدە ئوقۇپ نەزەر دائىرىلەڭلەر كېڭەيدى، بىلىدىغىنىڭلار كۆپەيدى، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، داۋاملىق تىرىشىپ ئوقۇپ، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇڭلار، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش سىلەرگە موھتاج››، دېدى ھەم ئۇلاردىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

  شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىل ئابدۇرېقىپ تۇنىيازنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، ئويلىغانلىرىنى تارتىنماي ئېيتىشتى: ‹‹ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر شىنجاڭدا شۆبە مەكتەپ تەسىس قىلسا، بەك ياخشى بولاتتى››، ‹‹ قوش تىل مائارىپى ناھايىتى مۇھىم، ئۇنى داۋاملىق ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا، ئىنى – سىڭىللىرىمىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇشقا كەلسە، تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇمىغان بولاتتى››، ‹‹تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق بالىنىڭ ئىچكىرىگە ئوقۇشقا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ››...

  ئابدۇرېقىپ تۇنىياز شىنجاڭلىق بالىلارنىڭ تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل خاتىرىلىۋالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بالىلار بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىرىنى ئېيتتى، ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرى دەل مۇشۇ.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئابدۇرېقىپ تۇنىياز بۇ قېتىم 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. ئۇ بۇ جەرياندا مائارىپ ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنىڭ تېخىمۇ مۇشكۈل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئابدۇرېقىپ تۇنىياز مۇنداق دېدى: مائارىپ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققاندىلا، قالاق ھالەتنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىمەن، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، قۇرۇلتايغا مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى سۇنىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە