باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

يۈەن گۈيرېن: پۇقراۋى مەكتەپلەر كۆپەيسە، ھۆكۈمەتمۇ خوش بولىدۇ

2013.03.08 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، «مەن پۇقراۋى مائارىپنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈشنى ياقلايمەن، پۇقراۋى مەكتەپلەر كۆپەيسە، ھۆكۈمەتمۇ خوش بولىدۇ.» مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن 7-چېسلا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مائارىپ ساھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا ئەزالارنىڭ تەكلىپىگە ئىنكاس بىلدۈرگەندە ئەنە شۇنداق دېدى.

  بىرلەشمە يىغىندا، ئۈچ ئەزا پۇقراۋى مائارىپ توغرىسىدا سۆز قىلدى. جىلىن خۇاچياۋ چەت ئەل تىلى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئەزا چىن خې سۆز قىلىپ، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ يېتەكلەش، قوللاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. يېڭى شەرق مائارىپ-پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى، ئەزا يۈ مىنخۇڭ سۆز قىلىپ، پۇقراۋى مائارىپقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  شەندۇڭ يىڭسەي ئىنىستىتۇتىنىنىڭ باش مۇدىرى، ئەزا ياڭ ۋېن «پۇقراۋى مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەۋسىيە قىلدى. يۈەن گۈيرېن كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى، خەلقئارالىق تەجرىبلەر ۋە تارىخىي ساۋاقلاردىن مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر دۆلەتتە، ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپنى تولۇق ئۈستىگە ئالالىشى مۇمكىن ئەمەس، پۇقراۋى مەكتەپلەر ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە ئوخشاشلا سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەۋاتىدۇ. (مۇخبىر دۇڭ خۇڭلياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}