شاڭخەي دېسنىي باغچىسى 2015 -يىلى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ
2013.03.08 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، بۈگۈن جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلگەن شاڭخەي دېسنىي باغچىسى تۈرىنىڭ كەلگۈسى كارتىنىسى ۋە باغچا مودېلىنىڭ بىر قىسمى (نىسبىتى 1:100) جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە باش تېما باغچىسىنىڭ مەركىزىنى ئىگىلىگەن 11 گېكتار يېشىللىق ۋە باغچىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرىسى بولغان «تىلسىملىق بالىلار چۆچىكى قورغىنى»نىڭ يېقىندىن كۆرۈنۈشىمۇ بار.
شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىغا جايلاشقان شاڭخەي دېسنىي ئىستىراھەت رايونى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى دېسنىي ئىستىراھەت رايونى بولۇپ، 2015-يىل ئاخىرىدا پۈتكۈزۈپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىش پىلانلانغان. (مۇخبىر ساۋ لىڭجۈەن)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە