باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>>ۋەكىللەر ساداسى

مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: يۆتكەلگەن جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش تۈزۈمىدە يەرلىكنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىنىدۇ

2013.03.06 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مائارىپ مىنىسىتىرى يۈەن گۈيرېن 5-مارت چۈشتىن كېيىن جياڭسۇ ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، مائارىپ مىنىسىتىرى يۈەن گۈيرېن 5-مارت چۈشتىن كېيىن جياڭسۇ ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ بولۇپ ئورنىدىن ئايرىلىشىغا مۇخبىرلار تەرىپىدىن ئورىۋېلىندى.

  يۆتكەلگەن جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى مۇخبىرلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى بولدى.

  بۇ ھەقتە يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى:« يۆتكەلگەن جايىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش جەھەتتە، بۇ يىل شىزاڭدىن باشقا بارلىق ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلار خىزمەت لايىھەسىنى تۈزۈپ بولدى. 26 ئۆلكە ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى، جياڭسۇ ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئۆلكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى، باشقا ئۆلكىلەر 2014-يىلى ھەل قىلىدۇ. مائارىپ مىنىسىتىرلىقى فۇنكىسىيەلىك تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ يولغا قويۇش چارىسىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، چۈنكى جايلارنىڭ ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس، ئۇلار ئۆز جايىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ، نۇرغۇن ئامىللارنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئىشلەمچىلىككە چىققانلارنىڭ بىللە ئەكەلگەن بالىلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى مەسىلىسىنى دەسلەپكى قەدەملىك ھەل قىلىشقا 10 يىل كەتتى، بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقىنىمىزغا ئەمدى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. ھازىر تامامەن ھەل قىلىپ، ھەممە ئادەمنى رازى قىلىمىز دېسەك، بۇنىڭغا تازا ئىمكانىيەت يوق، ئەمما ئىلگىرىلەش سۈرئىتى ياخشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}