باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستانغا باغرام تۈرمىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى كېچىكتۈرۈلدى

2013.03.10 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاىي مۇنداق دېدى: 9-مارت ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان باغرام تۈرمىسىنى يۆتكەش مۇراسىمى كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.

  ئۇ تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: چۈنكى قىسمەن يۆتكەيدىغان تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارنى مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى دۇنفورد بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، باغرام تۈرمىسىنى يۆتكەش خىزمىتىنىڭ مۇراسىمىنى كېلەر ھەپتىگە سۈرۈشنى قارار قىلدىم.

  شۇ كۈنى كەچتە، ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى. مۇخبىر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارىدىن مۇراسىمنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىك سەۋەبىنى ئۇقماقچى بولغاندا، بۇ ئەمەلدار پارتلاشتىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى بانا قىلىپ، كونكرېت جاۋاب بەرمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە