باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مەخسۇس سەھىپە>>2013. ئىككى يىغىن>> سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى

ئەزا ئەنۋەر ئىمىن شىنجاڭدىكى شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

2013.03.10 09:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى : شەھەر، يېزىلاردىكى 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار بەھرىمان بولىدىغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىنات ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، يېزىلاردا ھەر ئايدا ھەر بىر ئادەم 55 يۈەن ئالىدۇ. لېكىن ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە مال باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، 55 يۈەنگە بىر كىلو قوي گۆشى سېتىۋېلىشمۇ تەس بولۇپ قالدى .

  ئۇ، دۆلەتنىڭ مۇشۇ توپتىكى كىشىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نۆۋەتتە بار بولغان شارائىت ئاستىدا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى بەلگىلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلدى .

  شىنجاڭدىكى شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2009- يىلى رەسمىي يولغا قويۇلۇپ ، 2011- يىلى 7 - ئايدا ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ قاپلىنىشى جەھەتتە ئالدىغا ئۆتۈپ، شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغان كۈتۈنۈش سۇغۇرۇتىسى كاپالىتى سىستېمقا قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى . 2012 - يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرى ئىچىدە سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 5 مىليون 287 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى % 95 تىن يۇقىرى بولدى ، 60 ياشتىن ئاشقان 940 مىڭ شەھەر ، يېزا ئاھالىسى ھەر ئايدا ياشانغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى ئېلىپ ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى ھەمدە تۇرمۇشىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىندى .

  ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى : بۇنىڭدىن كېيىن بىز سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىمىز. مەن دۆلەتنىڭ شەھەر ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سەۋىيەسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}