باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاسىيادىكى دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياپونىيەنى ئەپۇ قىلمايدۇ؟(2)

2013.03.12 08:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيەگە قارايدىغان بولساق، ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلىرىنى ھازىرغىچە قاتتىق يوشۇرۇپ كەلدى، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشنى ئۆزىنى خورلىغانلىق دەپ قارىدى، ئوڭقانات كۈچلەر ئوچۇقتىن ئوچۇق كوچىلارغا يىغىلىپ، مىلىتارىزم نورمال ئىش دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە قىلغان ۋەھشىيانە تاجاۋۇزچىلىقىنى پەردازلاپ، ئازادلىق ئۇرۇشى دەپ ئاتىۋالدى، ھازىرغىچە يەنىلا نەنجىڭدىكى 300 مىڭ گۇناھسىز كىشىنىڭ قان-قىساسى، ھەربىيلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ئاياللارنى جىنسىي قۇل قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىدىن قاتتىق تېنىۋالدى.

  ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى يولدىكى سىياسەتۋازلىرى يىلمۇ-يىل توختىماي ياسۇكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىپ، جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان ئا دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنىڭ ئەرۋاھىنى چاقىرىپ، بۇ نومۇسسىز قىلمىشىنى شەرەپ دەپ قارىۋالدى. ئۆتمۈشتە قوراللىق بېسىۋالغان جۇڭگونىڭ دياۋيۈ ئارىلى، رۇسىيەنىڭ كۇرىل ئارىلى، كورىيەنىڭ دوكدو ئارىلىنى جان-جەھلى بىلەن تارتىۋېلىشقا ئۇرۇندى. ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئاساسىي قانۇن چەكلىمىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئالدىن قول سېلىشتىن ئىبارەت زەربە ئىقتىدارىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەققىدە داۋراڭ سېلىپ، سىرتقا ئۇرۇش قوزغاش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندى. ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا بولغان بۇ خىل جاھىلانە پوزىتسىيىسى ياپونىيەنى ئاسىيادا يېتىم قالدۇرۇپ، ئاسىيادىكى تاشلاندى بالىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئېغىر زىيىنىغا ئۇچرىغان ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ياپونىيەنى ئەپۇ قىلمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ تىرىلىشىدىن ھازىرغىچە يۈكسەك ئېھتىيات قىلىپ كەلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە