باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.11 16:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يۈ جېڭشېڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى)
  يۈ جېڭشېڭ گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گەنسۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەۋقەنى ئۆلكە ئەھۋالىغا قارىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. گەنسۇ غەربىي شىمالغا جايلاشقان، شەرقتىكى دېڭىز بويى رايونلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىق ساقلانغان، زور بېسىمغا دۇچ كەلگەن.

  گەنسۇنىڭ تەرەققىياتىدا، ئۆز ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ، شامالغا ئەگەشمەي، باشقىلار بىلەن بەسلەشمەي، ئالدىراقسانلىق قىلماي، دىققىتىنى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئاخىرقى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇشقا ياساشقا كۈچەپ، خەلق تۇرمۇشىغا تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە