باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2013.03.11 16:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

لى كېچياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.
  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىن رىياسەتچىسى يۈ جېڭشېڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سېكرېتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ليۇ يۈنشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋاڭ چىشەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى 11-مارت چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى.

  لى كېچياڭ جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: چۈشتىن بۇرۇن، كۆپچىلىك دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئورگانلىرىنى ئىسلاھات قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىدە بۇرۇلۇش ياساش لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلىدى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىدە يەنىمۇ بۇرۇلۇش ياساپ، توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، كارخانا، جەمئىيەت ۋە خەلققە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش-دۆلەتنىڭ بىر مۇھىم ئىستراتېگىيەسى. جىلىن سانائەت بازىسى شۇنداقلا يەنە يېزا ئىگىلىك ۋە تاۋار ئاشلىق چىقىرىش چوڭ ئۆلكىسى. پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاشلىق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ياساپ، سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلىشىشنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە