باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئاسىيادىكى دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ياپونىيەنى ئەپۇ قىلمايدۇ؟(4)

2013.03.12 08:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھالبۇكى ياپونلار پەلسەپىسى يوق بىر ئەنئەنىۋى مىللەت. ئاقىلانە تەپەككۇر ۋە ئويلىنىش يېتەرسىز، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە، مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيىتى كەمچىل. نومۇس قىلماسلىق مەدەنىيىتى بار ياپونىيە ھەق-ناھەق ئېڭىغا ئەمەس، بەلكى نومۇسسىزلىق ئېڭىغىلا ئىگە، ئۇنىڭ ئىچ-ئىچىدىن خاتالىقىنى تونۇماسلىق، تۈزەتمەسلىك خاراكتېرى چىقىپ تۇرىدۇ.

  بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئېچىنىشلىقى خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئەمەس، بەلكى ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى بوينىغا ئالماسلىق، تۆۋە قىلىشنى خالىماسلىق. تارىخقا توغرا قارىمايدىغان كىشىلەرنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولمايدۇ. ئابى شېنزو كابېنتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، دەۋرنىڭ ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى تۈزەتمەي، ياپونلارنىڭ كېلەچىكىنى بەرپا قىلماستىن، بەلكى ياپونىيە جەمئىيىتى، ئىقتىسادىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك چۈشكۈنلۈك ئەندىشىسى، سىياسىي ۋەزىيەتتىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك گاڭگىراش، ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋالغانلىقىدىكى بېسىم ئېڭى، جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىياتىنىڭ ياپونىيەگە پەيدا قىلغان مەھرۇمىيەت ئېڭىدىن پايدىلىنىپ، بارغانسېرى بەتتەرلىشىپ، سىياسىينى ئوڭچىللاشتۇرۇش ۋە ھەربىي ئىشلارنى سىرتلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياپونىيەنىڭ مىلىتارىزملىق تارىخىغا قايتىدىن مېڭىشىغا سەۋەبچى بولدى. ياپونىيە ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلغۇچى ۋە پاراكەندىچىلىكنىڭ مەنبەسىگە قايتىدىن ئايلانماقتا. ياپونىيەنىڭ نەگە بېرىپ، نەگە تۇرۇشى-ياپونىيەنىڭ ئۆز ئىستىقبالىغا باغلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى، بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر ئابى شېنزو ۋەكىللىكىدىكى ياپونىيە سىياسەتۋازلىرى ھوشىنى تاپماي، كۆرەڭلەپ كېتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلسا، ياپونىيە ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ تاشلىۋېتىش ساداسى ئىچىدە ئاخىرى ھالاكەتكە ماڭماي قالمايدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە