باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچ ئىتتىپاقى 16-مارت ئىمتىھان ئېلىشقا باشلىدى

2013.03.17 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-مارت بېيجىڭ خەۋىرى: بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 11 ئالىي مەكتەپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق يەتتە ئالىي مەكتەپ، بېيجىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، داليەن تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، خاربىن سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، توڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق توققۇز ئالىي مەكتەپتىن تەركىب تاپقان ئالىي مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچ چوڭ ئىتتىپاقىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 16-مارت جايلاردا ئېلىندى.بۇرۇنقى يىللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئۈچ چوڭ ئىتتىپاق بىرلا ۋاقىتتا ئىمتىھان پەن تۈرىنى ئازايتتى.

  چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يۈ خەن مۇنداق دېدى: پەن تۈرلىرىنى ئازايتقاندا، ھەم ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان يۈكىنى يېنىكلەتكىلى شۇنداقلا پەن تۈرلىرىدە ئارتۇقچىلىقى بار ھەم يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى بار ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ توغرا تاللاپ، مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ھەر تەرەپلىمە ئىپادىسىنىڭ جەريانىنى باھالاشنى ھەقىقىي كۈچەيتكىلى بولىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئۈچ چوڭ ئىتتىپاقنىڭ ئىمتىھان ۋاقتىنى بېكىتىشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىغا بېرىش يۈكىنى يېنىكلەتتى، ئەمما تاللاش پۇرسىتىنى ئازايتىۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە