باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەن رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بېكىتىلدى، تەھلىلچىلەر يېڭى ھۆكۈمەتكە قويۇلغان تەلەپ يۇقىرى دېدى

2013.03.19 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-چېسىلا يېڭى نۆۋەتلىك گوۋۇيۈەننىڭ 1-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى چاقىرىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىندا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپپارات ئىسلاھاتىدا خادىم شىتاتى ۋە رەھبەر سانى قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ

  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ رەھبرىي يولداشلىرىنىڭ خىزمەت تەقسىماتى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىلدى؛ «گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت قائىدىسى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا تەستىقلانغان «گۇۋۇيۈەننىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋە فۇنكسىيە ئۆزگەرتىش لايىھەسى»گە ئاساسەن، گوۋۇيۈەنگە بىۋاستە قاراشلىق ئاپپاراتلار ۋە ئورۇنلارنى تەسىس قىلىش مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى؛ دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات–نەشىرىياتچىلىق-رادىيو-كىنو-تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت تۈمۈريول ئىدارىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، دۆلەت دېڭىز-ئوكيان ئىدارىسى ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنى قايتا تەشكىللەپ قۇرۇش تەستىقلاندى.

  يىغىندا دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەت تۈمۈريول ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى، ئىچكى قىسمىدا تەسىس قىلىنىدىغان ئاپپاراتلىرى، خادىم شىتاتى قاتارلىق «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسى مۇزاكىرە ئارقىلىق ماقۇللاندى. بۇ يىل 6-ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن يېڭىدىن تەشكىللەپ قۇرۇلغان ئاپپاراتلار ۋە فۇنكسىيەسى تەڭشەلگەن ئاپپاراتلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلمىسىنى تاماملاش، ئاپپارات ئىسلاھاتى داۋامىدا ئىسلاھات ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، خادىملار شىتاتى ۋە رەھبەرلەر سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش تەلەپ قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە