- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نۇقسانسىز ئالماس كىمئارتۇق قىلىنىدۇ
2013.03.15 16:25 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 14-مارت تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، دۇنيادىكى داڭلىق سەنئەت بۇيۇملىرى كىمئارتۇق سودا ئورنى Christie's يېقىندا ، ئېغىرلىقى 101.73 كارات كېلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نۇقسانسىز ئالماسنى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەدە كىمئارتۇق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، بۇ ئالماسنىڭ پۈتۈشۈش باھاسى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 124 مىليون خەلق پۇلىغا تەڭ ) دىن ئېشىپ كېتىدىكەن .
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىچە ، بۇ 101.73 كارات كېلىدىغان نەشپۈت شەكىللىك ئالماسنىڭ رەڭ دەرىجىسى D دەرىجىگە يەتكەن ، يەنى پۈتۈنلەي رەڭسىز ، ناھايىتى سۈزۈك بولۇپ ، ‹‹ دۇنيادىكى ئەڭ نۇقسانسىز ئالماس ›› دەپ ئاتالغان .
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نۇقسانسىز ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى 50.52 كارات بولۇپ ، يېقىندىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىشتا 9 مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ( تەخمىنەن 58 مىليون 420 مىڭ خەلق پۇلىغا تەڭ ) غا سېتىلغان . ئۇچۇر قىلىنىشىچە ، يەر شارىدا ئېغىرلىقى 1 ~ 2 كاراتقىچە بولغان نۇقسانسىز ئالماسنىڭ سانى 600 دانىدىن ئاشمايدىكەن ، لېكىن ئېغىرلىقى 10 كاراتتىن ئاشىدىغان نۇقسانسىز ئالماس بەكلا ئاز ئىكەن .
دۇنياغا داڭلىق نەشپۈت شەكىللىك ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى 530.2 كارات بولۇپ ، ئەنگىلىيە پادىشاھىنىڭ تاجىغا قادالغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى مەلۇم بولغان ئەڭ چوڭ نۇقسانسىز ئالماس ئىكەن
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە