باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوبامانىڭ سەپىرىدە ئىسرائىلىيە قانائەت تاپتى، پەلەستىن ئۈمىدسىزلەندى(1)

2013.03.25 17:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوباما پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەدىكى قىسقا مۇساپىلىك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇردى، ھېچقانداق ماھىيەتلىك ئەھمىيىتى يوق بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن پەلەستىن بەك ئۈمىدسىزلەندى، ئوباما ئىسرائىلىيەنىڭ باش مىنىستىرى بىلەن 6 سائەتكە يېقىن سۆھبەت ئېلىپ باردى، پەلەستىن رەئىسى بىلەن ئاران 90 مىنۇتچە سۆھبەت ئېلىپ باردى، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىدىنلا ئوبامانىڭ قايسى تەرەپكە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  پىرېزىدېنت ئوباما 22-مارت پەلەستىندىكى بېلخېم مۇقەددەس قەبرىستانلىقى چېركاۋىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولدى، ئۇ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ھېچقانداق تىنچلىق لايىھەسىنى جاكارلىمىدى، ئىران، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى قاتارلىق مەسىلىلەردە بەكرەك ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇردى، بۇ پەلەستىننى ئۈمىدسىزلەندۈرمەي قالمايدۇ.

  ئوبامانىڭ ئىككىنچى نۆۋەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا تۇنجى بولۇپ ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، بۇنىڭدىن مەقسەت ــ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولالمىغانلىق ئورنىنى تولۇقلاش، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئوبامانىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە ئىسرائىلىيەدە زىيارەتتە بولمىغانلىقى بىر خاتالىق، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالدى، ئوباما 2009-يىلى مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق پىلانى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى مەيدانىدىكى ئىختىلاپىنى بايان قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە بىر قارا تۇمان پەيدا قىلدى.

  ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قېتىم ئوبامانىڭ زىيارىتىنى داۋراڭ قىلىشى ئەمەلىيەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان ئىش، ئوباما 20-مارت ئايروپىلاندىن چۈشە چۈشمەيلا ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى، ئوباما چاقچاق قىلىپ، نېيتانىياخۇ مەن بىلەن سۆھبەتلەشسە ھەمىشە تۇمشۇقۇمدىن يېتەكلەيدۇ دېدى. كېيىنكى ئالتە سائەتتىكى مارافونچە سۆھبەتتە ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلدى، بۇ تۆمۈر قۇببە توسۇغۇچى سىستېما ئۈچۈن 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىش، 2017-يىلى مۇددىتى توشىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرىنى ساقلاپ قېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك، مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە قەتئىي ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى، بۇ جايدىكى تاراتقۇلار مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمىتىنى زور دەرىجىدە ئىپادىلەپ، ئىلگىرىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىشكە تىرىشتى.

  ئوباما يەنە كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ نېيتانىياخۇ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالدى، ئىران مەسىلىسىدە ئوباما مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، سىرتنىڭ ھەرقانداق تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى بار، ئىسرائىلىيە ھەل قىلغۇچ تەدبىر تۈزگەندە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، ئوبامانىڭ بۇ سۆزى ئىراننىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىغا قىزىل چىراغ يېقىش بىلەن بىرگە جازا ئىناۋەتسىز قىلىنغاندىن كېيىن قورال كۈچى ئىشلىتىشكە يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى، شۇنداقتىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ يەنىلا ئىختىلاپى بار، ئوباما مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا يەنىلا ۋاقىت بار، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش، ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيەنىڭ يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇش ئىشى تىنچلىق سۆھبىتىگە توسقۇنلۇق قىلدى، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئوتتۇرا شەرق تىنچ، بىخەتەر بولىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ، شەك شۈبھىسىزكى ئوبامانىڭ بۇ سۆزى ئىسرائىلىيەنىڭ مەيدانىدىن خېلىلا پەرقلىنىدۇ.

【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە